رامازاندىن كېيىنكى ھاياتىڭىز

رامازاندىن كېيىنكى ھاياتىڭىز

ئى قېرىندىشىم! ئۇشبۇ مۇبارەك رامازان ئېيىدىن گۇناھلىرىڭىز مەغپىرەت قىلىنغان ھالدا چىقىشىڭىز ھەقىقەتەن كەڭرى بىر رەھمەت ۋە مۇكەممەل بىر نېئمەتتۇر. ئاشۇ نېئمەتلەرنى قوغداڭ! رامازان بىلەن ۋىدالاشقاندىن كېيىن گۇناھقا قايتىپ، ئۇ نېئمەتلەرنى غەزەپكە ئايلاندۇرۇۋەتمەڭ!

«ئەي ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن جەھەننەمدىن ئازاد قىلىنغان كىشى! ھۆرلۈككە ئېرىشكەندىن كېيىن، گۇناھلارنىڭ قۇللۇقىغا قايتىشتىن ساقلىنىڭ! ئەجەبا، سىز ئۆز خاھىشىڭىز بىلەن جەھەننەمسېرى ئىلگىرلەۋاتسىڭىزمۇ ياراتقۇچىڭىز يەنە سىزنى ئۇنىڭدىن ئۇزاقلاشتۇرامدۇ؟! سىز ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن جەھەننەم ھاڭىغا سەكرەۋاتسىڭىزمۇ، رەببىڭىز سىزنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇزامدۇ؟! گەرچە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغىلا بولسىمۇ، ئەمما يامان ئىش قىلغۇچىمۇ ئۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈزمىسۇن. گەرچە مەغپىرەت قىلىنىش مۇتتەقىيلەر ئۈچۈنلا بولسىمۇ، زالىم ھەرگىزمۇ شۇ مەغپىرەت قىلىنىشتىن مۇتلەق يىراق ئەمەستۇر»([1]).

«روزىنىڭ روھى ۋە مەنالىرى» ھەققىدىكى دەرسلىرىمىز پايانىغا يېتىپمۇ قالدى. ئۇشبۇ دەرس بولسا دەرسلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر!

¯ رامازان ئېيىنى تائەت بىلەن كۈتۈۋالغىنىڭىزغا ئوخشاش، ئۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ئايلارنى تائەت بىلەن كۈتۈۋالغۇچىدەك ۋىدالىشىڭ. چۈنكى، كۈنلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ كۈنلىرىدۇر، بىز رامازان ئېيىنى گۈللەندۈرگىنىمىزگە ئوخشاش، قالغان كۈنلەرنىمۇ گۈللەندۈرۈشكە موھتاجمىز. بەئەينى رامازاندا ئاللاھنى ئۇلۇغلىغىنىمىزغا ئوخشاش باشقا كۈنلەردىمۇ ئاللاھنى ئۇلۇغلاشقا ئېھتىياجلىقمىز.

¯ روزىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالەتتە تۇتتىڭىز. كېچىلىرىنى، بولۇپمۇ قەدر كېچسىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالەتتە ئىبادەت بىلەن تىرىلدۈردىڭىز (بىزنىڭ ئويىمىزچىمۇ مۇشۇنداق قىلىسىز، ئەلبەتتە). ئۇشبۇ ئىمان ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلىش بولسا، ھەرقانداق بىر ئىبادەتتە ۋە ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا شەرتتۇر. ﴿ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر﴾(بەييىنە: 5). رامازاندىن كېيىنكى نەفلە روزىلىرىڭىزنى ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالەتتە تۇتۇڭ. رامازاندىن كېيىن قىيامدا تۇرغاندىمۇ ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالەتتە تۇرۇڭ. ئىلىم تەلەپ قىلىشىڭىز، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشىڭىز، سەبر قىلىشىڭىز، ئاللاھ تائالادىن مۇكاپات تىلىشىڭىز، جىھادلىرىڭىز، ئاللاھ يولىدا پۇل – مال سەرپ قىلىشىڭىز ۋە پۈتۈن ياخشى ئەمەللىرىڭىز ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالەتتە قىلىنغاي. ساۋاب تىلەش بولسا ئىخلاسنىڭ جەۋھىرىدۇر ۋە ئىبادەتلەرنىڭ روھىدۇر. ساۋاب ئۈمىد قىلىش بولسا ھەر ۋاقىت پەرزدۇر.

¯ ئەگەر پۈتۈن رامازان بويى روزا تۇتقان بولسىڭىز بۇ ئاللاھنىڭ سىزگە خاتىرجەملىك ۋە ساغلاملىق ئاتا قىلىشى بىلەن بولغان پەزل ۋە ئېھسانى سەۋەبىدىندۇر. تولۇق بىر ئاي روزا تۇتۇشقا قادىر بولالىشىڭىز ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ نەفلە روزىلارنى داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىڭىزغا دەلىلدۇر. مۇستەھەپ سانىلىدىغان ۋاقىتلاردا نەفلە روزىنى كۆپلەپ تۇتۇڭ([2]). شۈبھىسىزكى، نەفلە ئىبادەتلەر پەرز ئىبادەتلەردىكى نۇقسانلارنى تولۇقلايدۇ. دەرىجىلىرىڭىزنى ئۈستۈن قىلىدۇ، خاتالىقلارنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. بىر يامانلىققا ئەگەشتۈرۈپلا بىر ياخشىلىق قىلىڭ. نەفلە ئىبادەتلەرنى ياخشى كۆرۈپ، ئوتتۇرا يول تۇتقان ۋە پەرزلەرنى بەجا كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ دەرىجىسىدىن نەفلە ئىبادەتلەرگە ئالدىرىغۇچى، ياخشى كۆرۈلگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلەرنىڭ دەرىجىسىگە يۈكسىلىڭ! ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ: «بەندەم داۋاملىق نەفلە ئىبادەتلەر بىلەن ماڭا يېقىنلىشىۋەرسە، مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىمەن»([3]) دەيدۇ.

¯ روزا ئۇشبۇ رامازان ئېيىدا خۇددى دۈشمەنلىرىڭىزدىن قوغدايدىغان بىر قالقاندۇر، سىز روزىدىن ئىبارەت مۇستەھكەم قورغاننىڭ ئىچىدىسىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «روزا قايسى بىرىڭلارنىڭ ئۇرۇشتىكى قالقىنىغا ئوخشاش بىر قالقاندۇر»([4]) ياكى «روزا مەزمۇت قالقاندۇر»([5]) دېگىنىدەك مۇستەھكەم بىر قورغان تەرىپىدىن قوغدالغان ئىدىڭىز. سىز داۋاملىق تۆت تەرەپتىن ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن بولغان دۈشمەنلەرنىڭ قورشاۋىدىسىز. ئېھتىمال شەيتانلىرىڭىز تەرىپىدىن، ئىچىڭىزدە مەۋجۇد ھاۋايى – ھەۋەس ۋە نەپس – خاھىشىڭىزدىن بولغان دۈشمەنلەر تەرىپىدىن قورشالغۇچىسىز. يىلنىڭ قېلىپ قالغان كۈنلىرىدە رامازاندىن ئىبارەت كۈچلۈك قورغاننى تاشلاپ كېتىپ قالسىڭىز، ئۆزىڭىز ئۈچۈن دۈشمەنلىرىڭىزدىن خاتىرجەم بولالامسىز؟!

¯ نامازنى خۇشۇ بىلەن، رۇكۇ ۋە سەجدىنى جامائەت بىلەن ئادا قىلدىڭىز. بۇ ناماز بولسا ئاللاھ تائالانى ئەسلەش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانىدى. ﴿(يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى ئەسلەش ئۈچۈن ناماز ئوقىغىن﴾(تاھا: 14) روزا پەرز بولمىغان ھەربىر كۈندە، يىل بويى ئىسلامنىڭ ئاساسى دەپ سانىلىدىغان نامازنى ئوقۇش ۋە تولۇق ئادا قىلىش بىلەن، ئاللاھنى ئەسلىگەن ھالەتتە قالالىدىڭىزمۇ؟! ﴿ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن (ھالدا) پەرز قىلىندى﴾(نىسا: 103).

¯ رامازان بويىچە ئىمام قانچىلىك ئۇزۇن ئوقۇپ كەتسۇن، تاراۋىھ نامىزىنى ئوقۇشىڭىز كېچىلىك قىيامنى ئۇزۇن قىلىشقا قۇدرىتىڭىزنىڭ بارلىقى بىلەن سىزگە بىر ھۆججەتتۇر. يىلنىڭ قالغان ۋاقىتلىرىدا بۇ كېچىلىك قىيامغا سەل قارىماڭ. رامازاندىن كېيىنمۇ ئۇ كېچىلىك قىيامدىن ئۆزىڭىزگە تېگىشلىك نېسىۋىڭىزنى ئېلىڭ. ئۇ كېچىلىك قىيام ھەدىستە كەلگەندەك «مۇئمىننىڭ شەرىپىدۇر»([6]). يىلنىڭ قالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ شەرىپىڭىز ئۈچۈن بوشاڭلىق قىلماڭ.

«قۇرئان كەرىم»نى بىر قېتىم ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئازراق خەتمە قىلدىڭىز، ئەمما رامازاندا بىر قېتىمدىنمۇ كۆپرەك خەتمە قىلىشقا تىرىشىڭ. بۇ «قۇرئان كەرىم»نى تەرك ئېتىشكە قارشى نەپسىڭىزگە قارىتا ئىنساپلىق مۇئامىلە قىلىشتۇر. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم»نى تامام قىلىش ئۈچۈن بىرقىسىم ھەلەكچىلىك ۋەھاكازا ئىشلاردىن ۋاز كېچىسىز. قالغان كۈنلەردىمۇ سىزنى مەشغۇل قىلىپ «قۇرئان كەرىم»دىن يىراقلاشتۇرغان نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە ئىرادە باغلىدىڭىزمۇ؟

كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئەقلىڭىز ۋە قەلبىڭىزنى قوغدىدىڭىز، ئۇلار بىلەن تېرىلەرنى شىلىۋەتكۈچى ھاۋايى – ھەۋەسلەرنىڭ غەلدى – غەشلىرىدىن روزا تۇتتىڭىز. قۇلىقىڭىزنى، كۆزىڭىزنى شۇنداقلا قەلبىڭىزنى رامازان ئېيىدا ھاراملاردىن قوغدىدىڭىز. لېكىن، ئۇ ئەزالارنىڭ ھارامدىن روزا تۇتۇشى كۈننىڭ پېتىشى ياكى ھېيتنىڭ كېلىشى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. قۇلاقنىڭ، كۆزنىڭ، قەلبنىڭ ھارامدىن ساقلىنىشى بولسا ئاللاھنىڭ قالغان كۈنلەردىكىمۇ شەرىئىتىدۇر: ﴿بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال – سوراق قىلىنىدۇ﴾(ئىسرا: 36).

سىز رامازان كۈنلىرى ئۈچۈنلا سوراققا تارتىلمايسىز، ئەمما ئۆمرىڭىزنىڭ قېلىپ قالغان يىل، ئاي، كۈنلىرىدىنمۇ سوراققا تارتىلىسىز.

رامازاندا ئىسلام ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلاندىڭىز، سىزنى تىللىغان ياكى ھاقارەت قىلغان كىشىگە «مەن روزىدار»([7]) دېدىڭىز، مۇبارەك ئايدا تىلىڭىزغا ئىگە بولدىڭىز. روزا تۇتقان كۈنىڭىز بىلەن تۇتمىغان كۈنىڭىزنى ئوخشاش قىلمىدىڭىز. شۇنداق بولغانىكەن، روزا سىزگە شۇنداق تىلىنى تۇتۇۋېلىشنىڭ باشقا كۈنلەردىمۇ ئەخلاقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى، تارازىدا ئەڭ ئېغىر نەرسىنىڭ ئەخلاق ئىكەنلىكىنى([8]) ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانىنىڭ مۇكەممەللىكىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى ئۆگەتمىدىمۇ؟! ئۇرۇق – تۇغقان، قان – قېرىنداش، قوشنا – قۇلۇم ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىڭىز بىلەن بولغان سىلە – رەھىمنى رامازاندا تىرىلدۈردىڭىز. رامازاندىن كېيىن ئۇلارنى «ئۆلدى»گە چىقىرىپ سىلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويغۇچى بولماڭ! روزا مەزكۇر پەزىلەتلىك ئايدا ۋە قالغان كۈنلەردە سىلە – رەھىمنىڭ داۋاملىششى ئۈچۈن بىراۋلارغا سىلە – رەھىم قىلىش بىلەن قەلبىڭىزنى تىرىلدۈرىدۇ. رامازان ئېيىنىڭ سىزگە سېخىيلىقنى ئۆگىتىشى بىلەن سېخىي بولدىڭىز، لېكىن ئۆلمەيدىغان، دائىم ھايات تۇرىدىغان رەببىڭىز ھېچقانداق نەرسىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان ئەڭ بۈيۈك سېخىي زاتتۇر. رەببىمىزنىڭ بەندىلىرىگە سېخىيلىق، كەرەملىك ۋە سىزگە مۇئامىلە قىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. بۇنداق قىلىشىڭىز بىلەن رەببىڭىز جەننەت نېئمەتلىرى بىلەن سىزگە سېخىيلىق قىلىشى ۋە جەھەننەمنىڭ يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتلىرىغا قارشى سىزنى ئۆز رەھىم – شەپقىتىگە ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن.

بىز سىزنى رامازاندا ئاكتىپ ۋە ھايالىق كۆردۇق. ئۆزىڭىزگە بەرگەن رامازاندىن كېيىنمۇ ھايالىق ۋە ئاكتىپ بولۇشقا دائىر ۋەدىڭىزدە تۇرۇڭ. ئەجەپ ئەمەسكى، بۇ ۋەدە بىلەن ئاللاھ تەۋبىڭىزنى قوبۇل قىلىپ قېلىشى مۇمكىن ۋە شۇ ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋاقتىڭدا ئاللاھنىڭ تەۋپىقىگە ۋە قىيامەت كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن، ۋەدىنى بۇزۇشتىن ساقلىنىڭ: ﴿كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ﴾(فەتھ: 10).

ۋەدىنى بۇزۇش بىلەن مۇناپىقلىقتىكى بىر خىسلەتنى قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ! مۇناپىقلىقنىڭ تۆرت ئالامىتى بار بولۇپ، بىرسى ئەھدىنى بۇزۇشتۇر، بۇ «قۇرئان كەرىم»دە مۇناپىقلار زىكىر قىلىنغان تۈرلەرنىڭ ھەممىدىن يامانراقى ۋە ئەڭ قەبىھىدۇر: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ بەزىسى سېنىڭ سەدىقە (ۋە غەنىيمەت)لەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىپلەيدۇ﴾(تەۋبە: 58). ﴿ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە (سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق) ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە (پەيغەمبەرنى) «ئاڭلىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا (يەنى رىزقىمىزنى كەڭ قىلسا) ئەلبەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلبەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق» دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان (يەنى باي قىلغان) چاغدا، بېخللىق قىلىشتى (يەنى ئەھدىنى بۇزۇپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى) ئۇلار (سەدىقە قىلىمىز، ياخشىلاردىن بولىمىز دەپ) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى، (ئىمانىنى، ئېھسانىنى دەۋا قىلىشتىكى) يالغانچىلىقلىرى ئۈچۈن (شۇ ۋەدىنى بۇزۇشنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولدى؟) ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا (يىلتىز تارتىپ) تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئىشىنىڭ) ئاقىۋىتى قىلدى﴾(تەۋبە 75 – 77).

تائەت – ئىبادەت مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدىمۇ تائەت – ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئاللاھقا ۋەدە بېرىڭ. چوقۇمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدىن ئىلگىرى ۋە كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە يەنى ھەرقاچان تائەت – ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئاللاھقا ۋەدە بېرىپ، «سەييىدۇل ئىستىغفار (ئىستىغفارنىڭ خوجىسى)» دېگەن دۇئاسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىم سەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن. كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سېنىڭ ئەھدى ـ پەرمانىڭدىمەن. قىلغان گۇناھلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، ماڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھىمنىمۇ ئېتىراپ قىلىمەن، مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، سەندىن باشقا ھېچكىم گۇناھلارنى كەچۈرەلمەيدۇ»([9]).

ئى ئاللاھ! سەن پۈتۈن ئەيىپ – نۇقسانلاردىن پاكتۇرسەن، ساڭا ھەمدۇسانالار بولسۇن، سەندىن باشقا ھېچبىر ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بېرىمىز، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمىز ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمىز… ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف
نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

———————————————–
([1]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 77 – بەت.
([2]) دۈشەنبە، پەيشەنبە، ھەر ئاينىڭ ئوتتۇرىدا ئۈچ كۈن، ئاشۇرا كۈنى، ئەرەفە كۈنى، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن ۋە يەھۇدىي – ناسارالارغا قارشى ئىش قىلىش ئۈچۈن شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتقانغا ئوخشاش. ــ ت.
([3]) «بۇخارىي»، 6502 – ھەدىس.
([4]) «نەسائىي»، 2230 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن
([5]) «تىرمىزىي»، 614 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([6]) ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، 7921 – ھەدىس. زەھەبىي: «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1903) «ھەسەن» دېگەن.
([7]) ئىلگىرى بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ بىر قىسمى.
([8]) «تىرمىزىي»، 1925 – ھەدىس. «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
([9]) «بۇخارىي»، 6306 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ